ھەممىمىز بىلىمىز، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دۇنياغا غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، يۈز مىليوننىڭ ئۈستىدىكى ئادەم ئۇرۇشتا يا ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى پۇت-قولىدىن، كۆز-بۇرۇنلىرىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولدى. ئۇرۇش دېگەن ئالدىغا ئۇچرىغاننىڭ ھەممىنى يالماپ يۇتىدىغان يالماۋۇز. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قانلىق بۇ ئۇرۇش توپتوغرا بەش تىرىليون دوللار قىممىتىدە مال-مۈلۈك زىيىنىغا سەۋەب بولدى، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى نەچچە ئون يىللاپ كەينىگە چېكىنىپ كەتتى، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىشقۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا ئۇرۇش ئاخىرلاشقىلى 70 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھازىرمۇ تېخى تۈگىگىنى يوق. مەسىلەن گېرمانىيە ئۇرۇش تۆلىمىنى تولۇق تۆلەپ بولغىلى تېخى بىر نەچچە يىل بولدى، يەنە مەسىلەن گىرېتىسىيەدىكى ئىقتىسادىي بوھران، لاتۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەرلەر ئاز ئاياللار كۆپ بولۇشتەك ئەھۋال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىرمۇ تېخى مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىلىدۇر.