ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تېز يوللانما قوبۇل قىلغاندا، ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ۋە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، 3 -ئاينىڭ 9-كۈنى تۆۋەندىكىدەك ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى تارقاتتى: شەھەر ئاھالىلىرى تېز يوللانما قوبۇل قىلغاندا مۇداپىئەلىنىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق چېگرا سىرتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونلىرىدىن مال سېتىۋېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، توڭلىتىلغان خام يېمەكلىكلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سېتىۋېلىشى، خەۋپ-خەتەر ساقلانغان پوسۇلكىنى بايقىغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.