بىلىۋېلىڭ سەھىپىسى تاۋۇز تاۋۇزنىڭ %94تىن كۆپرەكى سۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەنت تەركىبى ۋە ئىسسىقلى ق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئادەتتە تۆت -بەش كىلوگراملىق بىر تاۋۇزدا 1000دىن 1250كىلو كالورىيەگىچە ئىسسىقلىق مىقدارى بۇلىدۇ ،ئادەتتىكى بىر چىنە گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى200كىلو كالورىيە كېلىدىغان بۇلۇپ، دىمەك، بىر تاۋۇز تەخمىنەن بەش ئالتە چىنە گۈرۈچ تامىقى بىلەن تەڭ بولىدىكەن. تاۋۇزنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىگەندە بەدەندە ئىنسۇلىن مىقدارى يۇقىرلاپ، ياغ پەيدا قىلىدۇ ، كەچتە ھەرىكەت ئاز بولغاچقا، بۇ ياغ ئاسانلىقچە ھەزىم بولماي، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ، شۇڭا كەچتە تاۋۇزنى كەچلىك تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك ، ياز پەسلىدە نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇ سەۋەبلىك سەمىرىپ كىتىدۇ،شۇڭا ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتقان دوستلار بۇ ساۋاتلارنى بىلىشى ، ئالاھىدە تاتلىق مىۋىلەرنى كەچتە ئەمەس كۈندۈزى يىيىش ، يىگەندىمۇ بىر كۈندە ئىككى تىلىمدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.