بىز چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمىن، ئۇرۇش شۇنداق ئاسان بىلىنىدۇ، ئۇرۇشنى قانداقتۇ ئۆيدىن چىقماي كۇنۇپكىلارنى بېسىپ يۈرۈپلا قارشى تەرەپنى ھالاك قىلىدىغان پەن تېخنىكا ئۇرۇش دەپلا ئويلايمىز، ئۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس دېسە خۇددىي خەق ئىپتىدائى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندەك مەنسىتمەسلىك نەزىرىمىز بىلەن :« ماۋۇ دېگەن 21. ئەسىر » دەپ مەنمەنچىلىك قىلىمىز( ئەمما كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ تېلېفون ئويناشنى بىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئىپتىدائى جەمئىيەتتىكى ئادەملەردىن پەرقىمىز ئانچە چوڭمۇ ئەمەس).ھازىر ھەقىقەتەن 21. ئەسىر، يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەقىقەتەن چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، ئەمما ھەممىدىلا يۇقىرى تېخنىكىغا تايىنىدىغان ئىش يوق، ناۋادا ھەممىنى ئۆيدىن چىقمايلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھەل قىلىۋەتكىلى بولسا،پەن-تېخنىكىنىڭ ئاتامانلىرنىڭ بىرى سانىلىدىغان ئامېرىكا ئافغانىستان، ئېراقلارغا پىيادە ئەسكەر ئەۋەتمىگەن، كورېيە، ياپونىيەلەردە ئون مىڭلاپ ئەسكەرلەرنى باقمىغان بولاتتى، بىز ئاددىي ئويلىۋالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن قىممەت بولغاچ، ئەڭ ھالقىلىق ،ئەڭ مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىشتە ئىشلەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە يەنىلا ئاددىي قورال ياراغلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ.ئۇنداقتا شۇ بىز ئاددىي ئويلىۋالىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پۈتۈش باھاسى قانچىلىك چىقىدىغاندۇ؟