ھوزۇرلىنىپ ئۆرۈك يېگەچ ئايىغىم ئاستىدىكى چۈمۈلىلەرنىڭ قاتارلىشىپ تامنىڭ يۇقۇرسىدىكى ماكانىغا يىمەكلىك توشۇۋاتقىنىنى ،(ئىلگىرى چۈمىلىلەرنىڭ يەر ئاستىغا ئۇۋا كولايدىغىنىنى بىلەتتىم) خۇددى مانىۋېرغا قاتنىشىۋاتقاندەك جىددىي ھالەتتە سەپكە تىزىلىپ ،قايتىپ چۈشىۋاتقانلار بىلەن چىقىۋاتقانلارنىڭ ئەدەپ بىلەن يول بېرىشىپ ،يوغانراق يىمەكلىك بولسا ئۆز-ئارا تەڭلا ھەرىكەتكە كېلىپ بىرلىكتە سۆرىشىپ مېڭىشۋاتقىنىغا قىزىقسىنىپ قاراپ چۈمىلىلەرنىڭ ھېچقانداق كۈچلۈك قوماندان ياكى كوماندىسىزمۇ ئىناقلىقنىڭ ئۈنىمىنى ناھايىتى بۇرۇنلا مۆلچەرلەپ بولغىنىدىن ھەيران قالدىم. خەير ،قولۇمدىكى قاچىدا ئۆرۈكنىڭ ئەڭ ئېسىلى ،ئەمدى ئىشتىھا يوق،گەرچە مەن خىيالىڭدا بولمىساممۇ يەنىلا ساڭا قىسىندىم ،باھارغا تومۇرداش ھايات ئىزنالىرىم كۆپ ،بىراق يەنىلا ئىككىمىز بىرگە ياشناتقان شۇ باھار تاجداردۇر،مىنۇت سېكنۇت يوللىنىپ تۇردىغان ياشلىقنى ئۇرغۇتۇپ ،تەنگە كۈچ قوشقۇچى پاساھەتلىك ئۇچۇرلار، مىسرالارغا پاتماي چىقىۋاتقان ئاچچىق تەشنالىق، مۇڭداشقاچ دۇنيانىڭ باغرىغا چۆكۈپ تۇرۇپ مېۋە يېيىشلەر ....