مەيلى ئەمەسمۇ ؟ ئۇلارنى رايىغا قوي . بىرسى كەلسۇن سىرداش ئاتىقى بىلەن. يۈرىكىنى قولىدا كۆتۈرگىنچە كېلىپ كۆزىڭنى باغلاپ ئىشەنچ تېغىڭنى كۇكۇم - تالقان قىلۋەتسۇن . ئادەم بولىسەن ،ھېچكىمگە ئىشەنمەيمۇ بىر چىرايلىق ياشىيالايسەن! تېخى بۇرۇنقىدىن جەزبىلىك ۋە ئېسىل ياشايسەن ! بىرسى كەلسۇن دوست ئاتىقى بىلەن . دىلىڭ ۋە تىلىڭ بىلەن دوستۇم دەپ ئېتراپ قىلغىنىڭدا ئالتۇندىن قىممەت ،گۆھەردىن قەدىرلىك بىلگىنىڭدە ئىككى تەڭگە ئۈچۈن سېنى ساتسۇن شاپاق نەرقىدە . چوڭ بولىسەن ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يۈرىكىڭنى مەھكەم سىقىمدايسەن ۋە 《دوستۇم پەقەت ئۆزۈم ئىكەنمەن》 دېگەن خۇلاسىگە كېلىسەن ! بىرسى كەلسۇن سۆيگۈ ئاتىقى بىلەن . 《سەن قارىمىساڭ ئۆلىمەن》 دېسۇن ، 《يۈرىكىڭنى بەر !بەرمىسەڭ ئۆزۈمنى تۇپراققا كۆمىمەن 》دېسۇن ، ئاخىرى بىر سۆيگۈنى سەزگىنىڭدە ، ئىككى قوللاپ يۈرىكىڭنى بەرگىنىڭدە قولىغا قوش بىسلىق خەنجەرنى ئالسۇن ۋە يۈرىكىڭنى خالىغانچە كېسىپ ئوينىسۇن ،ھوزۇرلانسۇن ! مەيلى ئەمەسمۇ ؟ ئۇلارنى رايىغا قوي ! ئۆلمەيسەن ! ۋە شۇندىن كېيىن قەلبىڭدىن كۈلمەيسەن! پىشىپ يېتىلىسەن ! 《ئىنسان ئەمەسمۇ ؟》چوقۇم شۇنداق قىلاتتى دەيسەن !