2007-يىلى كۈزدە، ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر كىچىك كەنتتە تۇرىدىغان ئىگە-چاقىسىز موماي ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ستالىن توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن: }مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەيمەن!». ھاكىميەت رەھىمسىز، ستالىن ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويغانلىقى ھىچكىمگە سىر ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ئەر كىشى ياشلىقىدا بەڭۋاشلىق قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بوزەك قىلغان ئايالمۇ بەلكىم ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ستالىن بىلەن ئەشەددىي ئاداۋىتى بار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەمما بۇ قېتىم بۇ سۆزنى قىلغىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى سىتالىننىڭ بىردىن بىر ئەتىۋارلىق قىزى، بىر قىز قانداق قىلىپ دادىسى ۋاپات بولۇپ 70 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە نېمىشقا ئۇنى كەچۈرمەيمەن دەيدۇ ؟ سىتالىن بىلەن قىزى ئارىسىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن؟