بەكىرەك قاراپ قويغىنىدىن خىجىل بولۇپ تاراملاپ تۆكۈلۈپ كىتىدىغان ... گۇناھ مەندە بولسىمۇ بىرەر ئېغىز قاتتىقراق سىلكىشىدىن نەچچە كۈن ماي تارتىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ، ھازىر ياش ئاقسىمۇ ھېچكىم كۆرمەستە سۈرتىۋىتىدىغان ، سىلكىپ قويسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتكۈزۋىتىدىغان ،توغرا ئىشىم خاتا دىيىلسىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتمەيدىغان ، ياخشى كۆڭلۈم يامانغا ئايلانسىمۇ ھەتتا قىلمىغاننىڭ دىمىگەننىڭ ئىگىسى بوپ قالساممۇ ھەيران قالمايدىغان ھالەتتە پىشىپ يىتىلدىم . بۇ پىشىپ يېتىلىشىمىدۇ ؟ شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى ، پەقەت ئاتا ئانام قېرىنداشلارىم ئالدىدىلا بالا ئىكەنمەنكى ، باشقا ھەركىم ئالدىدا مەن ئەركىلىتىشىم, مەن كۆتۈرۈشۈم كېرەك ئىكەن ، مەن سەۋر قىلىشىم كېرەك ئىكەن ،مەن خاپىلىقنى ئۇنتۇلدۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن . كېتىپتۇ بالىلىقىم .... يالغۇز قالغاندا يىغلاپ يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالسام ، خاپىلىقىمنى تۈگىتىۋالساملا ، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلمىساملا ، ھىچكىمنى تەڭقىسلىقتا قويمىساملا كۇپايە ،ھەممە ئىچ پۇشۇقۇم كۆز يېشىىم بىلەن چىقىپ كەتسە مەن شۇ چاغدا تېخىمۇ تاۋلىندىكەنمەن …ھەم چوڭ بولدىكەنمەن خەيرىك كەچ ♀️2022-3-2