قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەدىنلا قالسا ئەڭ چوڭ بىر پارچىسى ئىدى. سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن قازاقىستان سوۋېت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كاسپىي دېڭىزىدىكى پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، رۇسلارمۇ بۇ پاراخوتلارنى بەرىبىر كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتەلمىگەنكىن خەپ دەپ لېۋىنى چىشلەپلا قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقى تازا پارچىلىنىپ كېتىشكە ئاز قالغان چاغدا ئاندىن قوڭىنى كۆتۈرۈپ كاسپىي دېڭىزى فىلوتىنى بىر جاھان پۇل خەجلەپ قۇرغان بولۇپ، پاراخوتلىرى ناھايىتى زامانىۋى، سىستېمىلىرى مۇكەممەل ئىدى، ھەربىي پاراخوتلىرىدىن باشقا يەنە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە دېڭىز ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى، مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل ئارمىيە سوۋېت پارچىلىنىپلا قازاقىستانغا ئوڭچە قالدى.