سىنگاپورنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئاران 724 كىۋادىرات كېلومېتىر ( ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىرەر ناھىيەچىلىك، ھەتتاكى چوڭراق ناھىيەنىڭ بىرەر يېزىسىچىلىكمۇ چىقماي قالىدۇ )، ئەمما نوپۇسى بەش مىليون 700 مىڭ بولۇپ، نوپۇس زىچلىقى ھەر كىۋادىرات كېلومېتىرغا 7915 ئادەمدىن توغرا كېلىدۇ، سىنگاپورنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئامېرىكىنىڭ 180 ھەسسىسىگە، بېيجىڭنىڭ 6.15 ھەسسىسىگە، باڭكوكنىڭ 1.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارادىكى داڭلىق ئاپپارات بولغان McKinsey يېقىندا ئېلان قىلغان «يەر شارىدىكى 24 شەھەرنىڭ قاتناش سىستېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئامىلى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا، تىزىملىككە كىرگەن 10 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر قاتنىشى ئومۇمىي رەت تەرتىپىدە، سىنگاپور %64.1 لىك ئەڭ يۇقىرى ئومۇمىي نومۇرى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ،ئۇ پارىژ، شياڭگاڭ ۋە لوندون قاتارلىق شەھەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن.