گۆردىكى ئۆلۈكلەرگە قاراپ ئىبىرەت ئال. بىر زامانلاردا ئۇلارمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئۆلۈكلەرگە قارايتتى …. بۈگۈن ھاياتسەن! بەلكىم بىر ئۇخلاپ ئويغانغىنىڭدا سوغوق قەبرە ئۆيۈڭ بولىشى مۇمكىن! -ئەتەڭنى بەك ئويلاپ كىتىپ بۈگۈنۈڭنى خاراپ قىلما.قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى چوقۇم بۈگۈن قەدىرلە! كىم بىلىدۇ؟! ئەتە ساڭا نىسىپمۇ ئەمەسمۇ!!! ....ھەممىمىز مۇشۇنداق جىمجىتلا كىتىپ قالىمىز! ئاشۇ قەدىرلىشىپ ئۆتكەن، مېھىر بېرەلمىگەن ئەزىزلىرىمىز بىلەن بىر رەت خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي كىتىپ قالىمىز! مارجان ياشلىرىمىزنى تۆكۈپ ئۆرتىنىش ئىچىدە يۈرەكلىرىمىزنى تاتلىغىنىمىزچە ئاچچىق يىغلاپ قالىمىز!..جىمجىت قەبرىلەردە يانمۇ -يان يېتپمۇ قالىمىز! ......بۇ ئەرزىمەس 4 كۈنلۈك ھاياتتا قەھىر بىلەن ئەمەس، مېھىر بىلەن ياشاڭ! قەدىرلەڭ، قەدىرلىنىڭ! سۈيۈلۈڭ ھەم سۈيۈندۈرۈڭ! ...مېھىر بېرىڭ، مېھىرلىك بولۇڭ! ....ھەر ۋاقت دىلىڭىز ئاق، سۆزىڭىز تاتلىق، قەلبىڭىز مېھىرلىك بولسۇن! شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر مىنۇت كىتىدۇ! ئەمما قەدىرلەش ئۈچۈن ئۆمۈر يەتمەيدۇ!