ئەتىيازنىڭ شامىلىدا ئۇنىڭ لەگلىكى ئاسماندا تەنھا ئاققۇدەك ئۇچماقتا ئىدى. يالىڭاچلانغان دەرەخلىك ئېتىز يولىدا قىغ توشۇۋاتقان ھارۋىلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بەزىلەر ئۇنىڭ لەگلىكىگە قوللىرىنى شەپكىنىڭ چېكىلىكىدەك قىلىپ قاراپمۇ قوياتتى.ساتتار ئۇلارنى كۆرۈپ لەگلىكىگە ئىسمىنى يېزىپ قويمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. يېزىپ قويغان بىلەنمۇ ئۇنچىلىك ئېگىزدە ئۇچسا خەتنى كىم ئوقۇيالايتتى. ياق، ئەتە چوقۇم ئىسمىمنى يېزىپ قويىمەن. بىزنىڭ كارىزدىكى بالىلار ئارىسىدا تۇرغۇن زادىلا لەگلەك ياسىمايدۇ، ساتتارنىڭ ياسىغان لەگلەكلىرىمۇ تايىنلىق، ئۇ سادىققا يەتمەيدۇ دېگەن گەپ تارقىلىپ كېتىپتۇ.