بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، ياشلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى خالىماسلىقى ئەقىللىق بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى ئىقتىسادچان بولغانلىقىدىن بولىدۇ. خام چوت يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا قەرز ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دوپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە، ئاپتوموبىل بىر قىسىم ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇرمۇشتىكى زۆرۈر نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا ئايروپىلانغا ئولتۇرغىلى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغىلى، قىسقا مۇساپىلىك سەپەرگە چىققاندا مېترو ۋە تور تاكسىسىغا ئولتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ياشلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى پۇلىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يۇقىردىكى سەۋەبلەر ئۈچۈن سېتىۋالمايدۇ.