نىمىشقا باشقىلار ئۈچۈن بەرىبىر بوپ قالدىڭ بىلەمسەن ؟چۈنكى سەن نىمە دېسە ماقۇل دەيسەن ، قاچان ئىزدىسە شۇزامان ھازىر بولىسەن ، نېمە سورىسا شۇنى بېرىسەن ، قانداق خاتالىق بولسا كەچۈرۋىتىسەن ، قانچىلىك ئازاپلىسىمۇ قوبۇل قىلىسەن ...……شۇنى بىلىشىڭ كېرەك ……بەزىلەر ئېرىشىپ كۆنۈپ قالدى ، ئەمما مىننەتدارلىقى يوق ……قەيسەرلىكىڭگە كۆنۈپ كەتتى ، كۆيۈنىشى يوق ……سەۋىرچانلىقىڭغا كۆنۇپ كەتتى ، ئىچ ئاغرىتىش يوق ……ھاياتلىقتا باشقىلارغا «ماقۇل »لا دېمەي ، پات -پات «ياق »دەپ تۇرۇش كىرەك ! مېھىر- مۇھەببەت ئەلۋەتتە مۇھىم ، ئەمما ئادەمنىڭ قەدىر -قىممىتى تىخىمۇ مۇھىم ……يوللۇق رەت قىلىش ، مەڭگۈ شەرتسىز قوبۇل قىلىشتىن بىباھا…… شام بولۇپ كۆيىۋەرمەي ئانچە مۇنچە قاراڭغۇلۇققا تاشلاپ قوي ، بولمىسا سەندىمۇ بىر كۆڭۇلنىڭ بارلىقىنى ،كۆڭلۈڭنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى چارچايدىغانلىقىنى ، بىر ئۆمۈر ھىس قىلمايدۇ . ئىنسان ئەمەسمۇ.....